خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-چېسلا خەلق چوڭ سارىيىدا رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مېدۋېدېۋ ئارقىلىق زۇڭتۇڭ پۇتىنغا قىزغىن سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىسمى جىسمىغا لايىق ياخشى قوشنا ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردۇر. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئاكتىپ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە چوڭ-چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىدە يۈكسەك بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتۈش، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش ئىدىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە پۈتكۈل دۇنياغا بولغان ئۆزگىچە ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ئۆزئارا قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق راۋاجلىنىش ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشى كېرەك. (لى ۋېيخۇڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى