- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكا نېۋادا شىتاتىدىكى بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 2 ئادەم ئۆلۈپ 2 ئادەم يارىلاندى
قاتىل ئۆزىنى ئېتىۋالدى
2013.10.23 17:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 21-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا نېۋادا شىتاتىدىكى Sparks ئوتتۇرا مەكتىپىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 2 ئادەم ئۆلۈپ، 2 ئۆسمۈر ئېغىر يارىلاندى. ئۆلگۈچىلەرنىڭ بىرى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ۋە بۇ قاتىل ئۆزى. ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداننى قامال قىلدى.
ۋەقە شۇ يەر ۋاقتى 21-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 7 دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قاتىل Sparks ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ فورمىسىنى كېيىپ، يېرىم ئاپتوماتىك تاپانچا بىلەن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بىلەن 12 ياشلىق 2 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنى ئېتىۋالغان. ئىككى نەپەر يارىلانغۇچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندا ئەھۋالى جىددىي بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئەھۋالى تۇراقلىشىپ، خەۋپتىن ئۆتۈپ كەتكەن.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر