باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياندۇرۇلغان پويىز بېلىتى ھەققىنى پۈتۈنلەپ بېرىش بۈگۈندىن باشلاپ 0.5 يۈەنگىچە ئېنىقلىقتا ھېسابلىنىدۇ

2013.10.24 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىڭخۇا گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ تور بېكىتىدە پويىز بېلىتىنى ياندۇرۇپ بېرىش ۋە ئالماشتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىلەر رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇندىن كېيىن ياندۇرۇلغان پويىز بېلىتى ھەققىنى ھېسابلاشتا يۈەن بىرلىكىگە پۈتۈنلەنمەي، 5 مو بىرلىك قىلىنىدۇ.

  يېقىندا، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ تور بېكىتى ئېچىلدى، گەرچە سىناق قىلىپ تەڭشەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاز بولمىغان تۆمۈريول يېڭى بەلگىلىمىلىرىنى توردىن كۆرگىلى بولىدۇ.

  بۇندىن ئىلگىرى، تۆمۈريول باش شىركىتى بېلەت ياندۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىنى ئېلان قىلغاندا، پەقەت پويىز بېلىتىنى ياندۇرۇش ھەققىنىڭ ۋاقىتقا ئاساسەن پەرقلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، يەنى بېلەتتىكى پويىزقوزغىلىش ۋاقتىدىن 48 سائەت بۇرۇن قايتۇرغان بولسا %5 بويىچە،24~48 سائەت بۇرۇن قايتۇرغان بولسا %10 بويىچە، 0~24 سائەت بۇرۇن قايتۇرغان بولسا %20بويىچە ھەق ھېسابلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنىدى. بۇنداق بولغاندا «پۇڭ، مو»دېگەندەك پارچە پۇللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇندىن ئىلگىرى، بۇ خىل ئەھۋالدا ئادەتتە ھەممىسى يۈەنگىچە پۈتۈنلىنىۋېتىلەتتى. بۇ قېتىم تۆمۈريول باش شىركىتى ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، ياندۇرۇلغان بېلەت ھەققىدىكى پارچە سوممىنى ھېسابلىغاندا0.5 يۈەننى بىرلىك قىلىشنى بېكىتتى، بۇ بەلگىلىمە بويىچە، پارچە سان 0.25 يۈەندىن كىچىك بولسا ھېسابقا ئېلىنمايدۇ، 0.25 يۈەندىن يۇقىرى 0.75 يۈەندىن كىچىك بولسا 0.5 يۈەن دەپ ھېسابلىنىدۇ، 0.75 يۈەندىن يۇقىرى بولسا 1 يۈەن قىلىپ ھېسابلىنىدۇ. (مۇخبىر خەن شۈ خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر