باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۈچ چوڭ قوشنا دۆلەت زۇڭلىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا جۇڭگونى زىيارەت قىلىشىنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتى نېمە؟

2013.10.23 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى شى يىنشيەن شىنجىڭ گېزىتى مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەتراپ دىپلوماتىيەسى جۇڭگودىپلوماتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى، جۇڭگونىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ.

  بۇ قېتىم جۇڭگو-روسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى جۇڭگونىڭ يېڭى بىرنۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگو-روسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى ھېسابلىنىدۇ. ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۇنىڭ 5 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى؛ موڭغۇلىيە زۇڭلىسىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ئالماشقاندىن كېيىنكى يېڭى زۇڭلىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇرغۇنلىغان قىياسلارغا سەۋەب بولدى. ياپونىيە تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ: ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرجۇڭگوغا قارىتا «مۇھاسىرە تورى»نى قۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئۈچ چوڭ قوشنا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تەڭلا جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىدۇ، دېيىشتى.

  شى يىنشيەن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ مۇھىملىقلىقىنىڭ ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ھىندىستان بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن ئاز-تولا سۈركىلىشى بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىساد جەھەتتە جۇڭگوغا قىسمەن بېقىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى ۋە ئابرۇيى كۈندىن-كۈنگە زورايماقتا، جۇڭگو بىلەن ئوبدان مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۇلارنىڭ دىپلوماتىيەسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەنلىك بولىدۇ.

  شې يىنشيەن مۇنداق دېدى: بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسى بىر قەدەر قىيىن ئەھۋالغا دۇچار بولۇپ، مۇرەككەپ ئامىللار كۆپىيىپ قالدى. لېكىن جۇڭگونىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى ئەتراپ دۆلەتلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى ياخشىلاش مايىللىقىنى روشەن ئىپادىلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭلار تۇنجى بولۇپ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىللىق ئەڭ ئاخىرقى دىپلوماتىيە پائالىيىتىنىمۇ ئەتراپ رايونلارغا يەنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ئورۇنلاشتۇردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر