باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2008-يىلىدىن بۇ يىل 8-ئايغىچە مەملىكىتىمىز بويىچە 198 مىڭ 781 ئادەم خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى

2013.10.23 15:06        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-سانلىق يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خىيانەچىلىك-پارىخورلۇق جىنايىتىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن تەپتىش ئورگانلىرىغا يۈكلىگەن مۇھىم مەسئۇلىيەت. 2008-يىل 1-ئايدىن بۇ يىل 8-ئايغىچە، مەملىكىتىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 198 مىڭ 781 ئادەمگە چېتىشلىق 151 مىڭ 350 خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق دېلوسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، 167 مىڭ 514 ئادەمنى ئەيىبلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە 148 مىڭ 931 ئادەمگە جىنايەت ئۆتكۈزگەن دەپ ھۆكۈم قىلىندى، بۇ قاراپ چىقىپ ئاخىرلاشتۇرۇلغان دېلو سانىنىڭ ٪99.9نى ئىگىلەيدۇ. دېلو بېجىرىش ئارقىلىق دۆلەت ۋە كوللېكتىپ ئۈچۈن 37 مىليارد 700 مىليون يۈەن زىيان قايتۇرۇۋېلىندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر