ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن، مەمتىمىن سەيدەمەت خەۋىرى ۋە فوتوسى: قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزا ئالاسايغان دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى دېھقان ئۆز جايىنىڭ تەبئىي ئەۋزەل شارائىتىنى چىقىش قىلىپ،بۇ يىل 4-ئايدا 80مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۆلچەملىك باقمىچلىق ئورنى ۋە ئۆلچەملىك سۇ كۆلچىكى ياسىدى، مۇھەممەتئېلى ئابدۇللا 8000 غاز چۆجىسى ۋە 3000 ئۆردەك چۆجىسى كىرگۈزۈپ، ئىلكىدىكى 100مو بېدىلىكتە يايلىتىپ بېقىش ئارقىلىق، بىر ئۆي قۇشلىرى سودىگىرى بىلەن توختاملىشىپ، باقمىچىلىق كىرىمىنى 20-ئۆكتەبىرگىچە 280مىڭ يۈەنگە، ساپ پايدىنى 160مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. باقمىچلىقىنىڭ تۇنجى پايدىسىنى كۆرگەن مۇھەممەتئېلى ئابدۇللا يېقىنىدا 2000 غاز چۆجىسى كىرگۈزدى.