باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مارالبېشى مەززىلىك تائاملار بايرىمى ئۆتكۈزدى

2013.10.24 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نان مۇسابىقىسىدە «ئەجدىھا نان» بىرىنچىلىككە ئېرىشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە تۆتىنچى نۆۋەتلىك توغراق مەدەنىيەت ساياھىتى بايرىمى شۇنداقلا مەززىلىك تائاملار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، 2013-يىلى بۇ ناھىيە مەززىلىك تائاملار بايرىمىدا مىللىي ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىككە ئىگە نان كۆرگەزمىسى ۋە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، ئەڭ ئاخىرىدا «ئەجدىھا نان» شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئىجادىيلىققا ئىگە بولۇشتەك ئۈستۈنلۈكى بىلەن بىرىنچى بولدى. سۈرەتتە: «كىچىك ئەجدىھا»نان ۋە بېلىق، كەپتەر شەكلىدىكى نان. جۇ جىڭچاۋ فوتوسى.

  بىرىنچىلىككە ئېرىشكىنى ئابلەك ئىسىملىك 27 ياشلىق ناۋاي بالا بولۇپ، 2013-يىلىغىچە 20 يىل ناۋايچىلىق قىلغان. باھالاشقا قاتناشقان خىزمەتچى خادىملار مۇنداق دېدى: 2013-يىلى جۇڭگو يىلان يىلى (كىچىك ئەجدىھا يىلى»، ئۇ ياققان «ئەجدىھا نان» «جۇڭگو ئەجدىھاسى»غا تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، مارالبېشىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.ئىگىلىنىشىچە، «ئەجدىھا نان»نى يېقىپ پىشۇرۇشقا ئۈچ سائەت، خەت يېزىشقا يەتتە سائەت ۋاقىت كەتكەن. ئادەتتىكى نانلارنى يېقىپ پىشۇرۇشقا يېرىم سائەتلا كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر