باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2014 – يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى

2013.10.24 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدىن 693 مەمۇر قوبۇل قىلىنىدۇ

  جاڭ شىنيۈ خەۋەر قىلىدۇ: 2014 – يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى 16 – ئۆكتەبىردىن 24 – ئۆكتەبىرگىچە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 130دىن ئارتۇق مەركەز ئورگىنى ھەم ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان ۋە مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلار تەمىنلىگەن 11 مىڭ 729 خىزمەت ئورنىغا 19 مىڭ 538 ئادەم قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىمتىھان رايونىدىكى 12 ئورۇن تەمىنلىگەن 374 خىزمەت ئورنىغا 693 ئادەم قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  بۇ قېتىملىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا مەملىكەت بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغانلار بۇلتۇرقىدىن %9.1 ئازايغان. شىنجاڭ ئىمتىھان رايونىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلارمۇ مۇناسىپ كېمەيگەن، بۇلتۇر 19 ئورۇن تەمىنلىگەن 439 خىزمەت ئورنىغا 782 ئادەم قوبۇل قىلىنغانىدى.

  بۇ قېتىملىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، بوغالتىر، مالىيە، پۇل مۇئامىلە؛ قانۇن، قانۇنشۇناسلىق؛ باشقۇرۇش، ئىقتىساد؛ خەنزۇ تىل – ئەدەبىياتى، مەدەنىيەت ۋە تارىخ؛ كومپيۇتېر، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت، قۇرۇلۇش پەنلىرى؛ دوختۇرلۇق، بىيوتېخنىكا قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تاموژنا قاتارلىق 12 ئورۇن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن.

  تىزىملىتىش ۋاقتى 24 – ئۆكتەبىر سائەت 18دە ئاخىرلىشىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا تىزىملىتىش تور بېكىتى(2014/bm.scs.gov.cn//:http)گە كىرىپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر