- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي ئىدارىلەر 318 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
2013.10.24 14:55 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى قاتارلىق ئىدارىلەر قارىمىقىدىكى كەسپىي ئىدارىلەر جەمئىيەتتىن ئاشكارا ھالدا 318 نەپەر خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدۇ .
22–ئۆكتەبىر ، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى قارىمىقىدىكى كەسپىي ئىدارىلەرگە تىزىملىتىش خىزمىتى ئاللىقاچان باشلانغان بولۇپ ، باشقا ئىدارىلەرنىڭ بۈگۈن (23–ئۆكتەبىر )باشلىنىدىكەن .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى قارىمىقىدىكى كەسپىي ئىدارىلەر جەمئىي 140 نەپەر خىزمەتچىنى تەكلىپ قىلىدىغان بولۇپ ، توردا تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان ، تىزىملاتقۇچىلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتىش سىستېمىسى (http://bmks.xjrc365.com)غا كىرىپ تىزىملاتسا بولىدىكەن . تىزىملاش 26-ئۆكتەبىر سائەت 18:00 دە ئاياغلىشىدىكەن .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى قارىمىقىدىكى كەسپىي ئىدارىلەرگە 80 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىكەن ، بۇنىڭدىمۇ توردا تىزىملاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ ، تىزىملاش خىزمىتى 29-ئۆكتەبىر ئاياغلىشىدىكەن .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى ، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى ، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىر قانچە كەسپىي ئىدارىگە تىزىملىتىشتىمۇ توردا تىزىملاش ئۇسۇلىنى قوللىنىلغان بولۇپ ، بۇ تۈرلۈك خىزمەت قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ 31-ئۆكتەبىر، باشقا ئىدارىلەرنىڭ 30-ئۆكتەبىر ئاياغلىشىدىكەن .
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ھەر قايسى ئىدارىلەرنىڭ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشتىكى كونكېرت خىزمەت ئورنى جەدۋىلى ، كونكېرت شەرتلەر ، نەق مەيداندا تىزىملىتىش ئادرېسى قاتارلىقلارنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (www.xjrs.gov.cn)دىكى ‹‹كەسپىي ئىدارىلەرگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ›› تىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر