باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزدى

2013.10.24 14:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاش كېرەك 

  چېڭ لىشىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 21 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلدى، يېقىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى قەدىرلەپ، 4 – پەسىللىك ئىقتىسادىي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىللىق مۇھىم نىشان، ۋەزىپىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى ۋە ئانالىز قىلىندى. دەسلەپكى ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 570 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %10.8 ئېشىپ، مەملىكەتنىڭكىدىن %3 پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 9 – ئورۇندا تۇرۇپ، 22 يىلدىن بۇيانقى رېكورت يارىتىلغان. بولۇپمۇ 1 – ئايدىن 8 – ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆلەملەشكەن كارخانىلار ياراتقان پايدا 56 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن %7.3 پوئېنت يۇقىرى بولغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر 300 مىڭ كىشىدىن كۆپرەك ئېشىپ، ئىستاتىستىكا قىلىنغاندىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن؛ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى%17 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان؛ شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ كىرىمى %11.1، دېھقانلارنىڭ نەق پۇل كىرىمى %14.4 ئاشقان.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا يارقىن نۇقتىلار كۆپەيگەن. بىرىنچىدىن، مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش، توك چىقىرىش مىقدارى، قەرز پۇل قالدۇقى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر سىجىل، تېز ئاشقان؛ ئىككىنچىدىن، ئوتتۇرا، كىچىكرەك، كىچىك كارخانىلار ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك تېز ئاشقان، ئاپتوموبىل، جابدۇقچىلىق، رەڭلىك مېتال، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق بەش چوڭ كەسىپ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، 3 – كەسىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان چوڭ تۈرلەر، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈرگە مەبلەغ سېلىش تېز ئاشقان، بۇ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە بوشلۇققا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئېھتىياجى. ھازىر ئاساسلىقى 4 – پەسىللىك ئىقتىسادىي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ئىقتىسادىي نىشاننى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىمى ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، مال باھاسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆرسەتكۈچكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلىنىڭ نېگىزىنى توغرا تېپىپ، ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكنى ساقلاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتكە تەييارلىق قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن كېيىنكى باسقۇچتىكى كونكرېت خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش يېتەكچى ئىدىيەسىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۈرلەرنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ساقلاش كېرەك. نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ياخشى ئىستېمال مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ‹‹گۈزەل، ئىناق، مۇقىم›› شىنجاڭ ئوبرازىنى يارىتىش كېرەك. بازارنىڭ يېتەكچىلىك رولى ۋە سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكلەش ۋە ئۇچۇر ئارقىلىق يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مال باھاسىنى يەنىمۇ كونترول قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر