- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شى جىنپىڭ: ۋەتىنىمىز زېمىندا خەلقنىڭ ئۈمىدىنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، دەۋرگە، خەلققە، تارىخقا يۈز كېلەلىگىدەك پارلاق سەھىپە يارىتايلى
2013.10.22 16:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ياۋروپا-ئامېرىكا ساۋاقداشلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 21-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش— شەرەپلىك ھەم ئۇلۇغۋار ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ۋە شانلىق. بۇ ئۇلۇغۋار ئىشقا ئىرادە باغلىغان بارلىق كىشىلەر نى-نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. چەت ئەلدە ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان كەڭ خادىملار خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرسىلا، خەلق بىلەن بىرگە كۈرەش قىلسىلا، چوقۇمكى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دەۋرگە، خەلققە ۋە تارىخقا يۈز كېلەلىگىدەك پارلاق سەھىپە يارىتالايدۇ. (مۇخبىر جاڭ شو خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر