باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلقئارا ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە تۈرى ئىمزالاش ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

2013.10.23 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-ئۆكتەبىر 2013-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە تۈرىنى ئىمزالاش ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئېلان قىلىش يىغىنى شىئەندە ئېچىلدى. جۇڭگو، ئامېرىكا،كانادا قاتارلىق 18 دۆلەتتىن كەلگەن كارخانىلار بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان كارخانىلار 508 گە يەتتى. 46 تۈر ئىمزالاندى. ئىمزالاش ئومۇمىي سوممىسى 22 مىليارد 910 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ھەممىباب ئايروپىلان ياساش تۈرى ۋە ئايروپىلان سودىسى تۈرى ئىمزالاش تۈرى ئومۇمىي سانىنىڭ %40 نى ئىگىلىدى.

  ئامېرىكا،گېرمانىيە،چېخ، شۋېتسارىيە قاتارلىق ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە كەسپى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر رايونلار بىلەن يىغىندا تۈر ئىمزالاشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باھالاپ، چەتئەل مەبلىغى توختىمى سوممىسى بىلەن چەتئەللەرگە مۇناسىۋەتلىك مىقدار ئالدىنقى نۆۋەتلىك يىغىندىن زور دەرىجىدە ئاشتى. چەتئەللەرنىڭ كۆپلىگەن ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە بازىرىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرۈپ، جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىدى. جۇڭگو خەلقئارا ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە يىغىنى ئۈچ نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر