خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 16-قۇرۇلتىيىدا ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ ئالدى بىلەن مەملىكىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن ۋە تۆھپە قوشقان يۈز مىليونلىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن كەڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
مەنبە: خەلق تورى