باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇ يىل دۇنيا بويىچە 1 مىليون 980 مىڭ 249 ئادەم ھەج قىلدى، ئۆتكەن يىلدىكىدىن %37.4 ئادەم كېمەيدى

2013.10.23 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مەدىنە گېزىتى»نىڭ 14-چېسلادىكى ۋە «ئۇكاز» گېزىتىنىڭ 16-چېسلادىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سەئۇدىي ئەرەبىستان ئاممىۋى ئۇچۇر ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇنداق ئېلان قىلدى، ھىجرىيە كالىندارى 1434-يىلى دۇنيا بويىچە ھەج تاۋاپ قىلغان ئادەم سانى 1 مىليون 980 مىڭ 249 نەپەر بولۇپ، چېگرا سىرتىدىن 1 مىليون 379 مىڭ 531 ئادەم، چېگرا ئىچىدىن 600 مىڭ 718 ئادەم، چېگرا ئىچىدىكى ھاجىملارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللىك ئولتۇراق ئاھالىلەر بولۇپ، ھەج تاۋاپ قىلغان ئومۇمىي ئادەم سانى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %%37.4 ئازايغان؛ سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى مۇھەممەد بايىب ئىبىن ئابدۇللاھ ئەزىز پادىشاھقا يوللىغان تېلېگراممىدا مۇنداق دېگەن؛ 2013-يىلى چېگرا سىرتىدىن ھەج تاۋاپ قىلىشقا بىر مىليون 379 مىڭ 531 ئادەم كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 752 مىڭ 424 بولۇپ، %55نى، ئاياللار 627 مىڭ 107 نەپەر بولۇپ، %45نى ئىگىلەيدۇ، ھەج قىلغان ئادەم سانى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن 377 مىڭ 439 ئادەم كېمىيىپ، تەخمىنەن %21نى ئىگىلىگەن. ھاۋا ئارقىلىق چېگرىدىن كىرگەن ئادەم سانى 1 مىليون 292 مىڭ 98، قۇرۇقلۇق ئارقىلىق كىرگەنلەر 82 مىڭ 535 نەپەر، دېڭىز ترانسپورتى ئارقىلىق كىرگىنى 14 مىڭ 898 نەپەر بولۇپ 188 دۆلەتتىن كەلگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر