باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 10 تال چىلان 290 مىڭ يۈەنگە كىمئارتۇق قىلىندى

2013.10.23 10:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىمئارتۇق قىلىش نەق مەيدانى

  جۇڭگو بويىچە ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان پوسكام ناھىيەسىدە 18-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك ئالتۇن توغراق ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمىدا «چىلان شاھىنى كىمئارتۇق قىلىش» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 10 دانە چىلان 290 مىڭ يۈەنگە سېتىلىپ، بۇلتۇر كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان 10 دانە چىلاننىڭ باھاسىدىن 30 مىڭ يۈەن ئارتۇق بولدى.

  مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندىن كۆرۈشىچە، تىزىپ قويۇلغان ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 10 دانە، كۈمۈش مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 10 دانە ۋە مىس مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 10 دانە چىلاننىڭ ھەر دانىسى تۇخۇمدىن چوڭ بولۇپ، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن چىلانلارنىڭ ھەر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 69.0 گىرام، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 6.9 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 5.16 سانتىمېتىر ئىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پوسكام ناھىيەسىدە چىلانلىق كۆلىمى ئاللىقاچان 200 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئورگانىك چىلان كۆلىمى 100 مىڭ مو ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر