- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئاساسلىقى بىرىنچى ۋە بەزى ئىككىنچى، ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەرلەرگە مەركەزلەشتى
2013.10.23 17:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 22-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئايدا مەملىكەت بويىچە 70 چوڭ ئوتتۇرا شەھەر ئىچىدە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ئاساسلىقى بىرىنچى ۋە بەزى ئىككىنچى ، ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن؛ باشقا شەھەرلەردە مۇقىم بولغان.
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:9-ئايدا مەملىكەت بويىچە 70 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرنىڭ ئىككىسىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ سېلىشتۇرما باھاسى تۆۋەنلىگەن،ئۈچىدە تەڭلەشكەن، 65 بەشىدە ئۆسكەن. سېلىشتۇرما باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش نىسبىتى %1.9، ئەڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %0.3 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر شەھەردە ئۆي باھاسى تۆۋەنلىگەن، 69 شەھەردە ئۆسكەن؛ ئوخشاش مەزگىلدىكى باھانىڭ ئۆزگىرىشىدە ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش نىسبىتى %20.6، ئەڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى%1.8 گە يەتكەن.
نىمكەش تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى جەھەتتە، 9-ئايدا مەملىكەت بويىچە 70 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرنىڭ تۆتىدە سېلىشتۇرما باھاسى تۆۋەنلىگەن، ئۈچىدە تەڭلەشكەن، 63 دە ئۆسكەن. ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىككى شەھەردە باھا تۆۋەنلىگەن، 68 شەھەردە ئۆسكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر