باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستان نېمىشقا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قالدى؟

2013.10.23 15:02         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹يىغىن›› ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئېغىز ‹‹ ياق›› دېگەن سۆزى دەل ۋاقتىدا ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. شۇ جاي ۋاقتى 18-ئۆكتەبىر، 68-قېتىملىق ب د ت قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق بەش دۆلەت 2014-ۋە 2015-يىللىق خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە غەيرىي دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ سايلاندى. ئويلىمىغان يەردىن، نەچچە سائەتتىن كېيىنلا، سەئۇدى ئەرەبىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۇيۇقسىز بايانات ئېلان قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشنى رەت قىلدى. خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا، خۇددىي كۈچلۈك دېڭىز دولقۇنىدەك ھەر خىل گۇمانىي كۆز قاراشلار قوزغالدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستان باياناتىدا : ب د ت نىڭ سۇرىيە مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن كۈچلۈك نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى خىمىيەلىك قوراللار بىلەن ئۆز خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلغان بولسىمۇ ھېچقانداق ئېغىر جازاغا ئۇچرىمىدى، دېگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان قاتتىق تەكىتلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ب د ت مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئۈستىگە ئالمىغۇچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشنى رەت قىلىشتىن باشقا تاللىشى يوق.

  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىلمىشى ب د ت تارىخىدىكى تۇنجى ئىش بولۇپ، خەلقئارانى چۆچۈتىۋەتكەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ قارارى ئامېرىكىغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىنكەن. تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىغان: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كېلىشەلمىدى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئىلگىرى خىمىيەلىك قوراللارنى باھانە قىلىپ، سۇرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت يۈرۈگۈزۈشنى جاكارلىدى، بىراق ئارقىدىنلا بۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننى «ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى ››. بۇنىڭدىن سىرت ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيا ، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلدى، ئەكىسچە ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان رايوندىكى رىقابەتچىلەر بولۇپ، بۇمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نارازى بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

  فىرانسىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئارود كىنايە قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۇرىيە توغرىسىدىكى بايانى‹‹ ئورۇنلۇق ›› بولدى، دېگەن. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ باھانىسىنى ‹‹ھەقىقەتەن چۈشەنگىلى بولمايدۇ›› دېگەن، چۈنكى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۇرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش توغرىسىدىكى قارارنى ئاللىقاچان ماقۇللىغان.

  مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى، ب د ت ئەرەب ئەللىرى گۇرۇھى بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ‹ خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇنبىرى›› دە جەسۇرلۇق بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشنى رەت قىلىش قارارىنى قايتا ئويلىشىپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلغان .

  ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەر يىلى يېڭىدىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە غەيرىي دائىمىي ئەزا دۆلەتتىن 10 سايلاپ چىقىپ، بەش دائىمىي ئەزا دۆلەت بىلەن بىرلىكتە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بەزى تەھلىللەردە مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە غەيرىي دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشنى رەت قىلىشتا چىڭ تۇرسا ، ئۇنداقتا ب د ت نىڭمۇ باشقا تاللىشى يوق بولۇپ ، قايتىدىن ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قالغان بوش ئورۇنغا يېڭىدىن بىر دۆلەتنى سايلاپ چىقىشى مۇمكىن . بىراق بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بۇ بەلكىم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر تۈرلۈك تاكتىكىسى بولۇپ ، ب د ت بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى بىر قىسىم مەسىلىلەردە مەلۇم خىلدىكى يول قويۇشقا مەجبۇرلاپ ، بېسىم ئىشلىتىشتىكى بىر تۈرلۈك ئامالى بولۇشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر