مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى16-چېسلا كەچ شى جۇڭشۈننى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى داۋاملىق قويدى. ۋېن جياباۋ (گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، ئىلگىرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى بولغان) فىلىمدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ شى جۇڭشۈن بىلەن بىللە ئىشلىگەن چاغدىكى كەچۈرمىشلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. ۋېن جياباۋ: يولداش شى جۇڭشۈن ئۆمۈرىدە نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ئادىمىيلىكى دۇرۇس، پەزىلەتلىك ئادەم بولۇپ، كىشىلەرگە كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلاتتى، گەپ يوشۇرمايتتى، ئوچۇق-ئاشكارا، ئاق كۆڭۈل ئادەم ئىدى. ئۇ مەركەزدىكى ۋاقىتلىرىدا، يېڭى ۋە كونا كادىرلار ئارىسىدا چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. ئېسىمدا قېلىشىچە، مەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىغا يۆتكىلىپ ئىشلىگىنىمگە ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يولداش شى جۇڭشۈن مېنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەنىدى، ئۇ كىشىلەرگە سەمىمىي، خۇشخۇي، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتى، ئۇنىڭ ئالدىدا ئازراقمۇ قورۇنمايتتىم. ئۇ ماڭا مۇنداق دەيتتى: پارتىيەنىڭ 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى لۇشىيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەر ئاسان قولغا كەلمىگەن، بۇنىڭغا بىز زور بەدەل تۆلىدۇق، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم.