خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-چېسلا خەلق سارىيىدا ئاۋىسترالىيەنىڭ ۋالىيسى بريسې بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئاۋىسترالىيە ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز راۋاجلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى. نۆۋەتتىكى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئاۋىسترالىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم دۆلەتلەردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئورتاق مەنپەئەت كۆپەيدى، ھەمكارلىق بوشلۇقى كېڭەيدى. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسىنى چىقىش قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى كۆزلەپ، جۇڭگو بىلەن ئاۋىسترالىيەنىڭ دوستلۇق-ھەمكارلىقىدا بىرلىكتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز لازىم. (لى ۋېيخۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)