باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

2013.10.14 17:25         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئۆكتەبىر، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 10-ئۆكتەبىر ئالتاي ۋىلايىتىدە بىر پىكاپ بىلەن كىچىك تىپتىكى بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ، نەق مەيداندا يەتتە ئادەم قازا قىلىپ ، ئالتە ئادەم يارىلانغان .

  ئىگىلىنىشىچە ، 10-ئۆكتەبىر سائەت 19:30 دە ، يې XX ‹‹ كىيا ›› ماركىلىق پىكاپنى ھەيدەپ دۆلەت يولى 217-لىنىيەنىڭ غەربتىن شەرققە ماڭغان يۆنىلىشتىكى 11 كىلومېتىر + 950 مېتىر يېرىگە كەلگەندە ، تا XX شەرقتىن غەربكە قاراپ ھەيدەپ ماڭغان ‹‹ سوڭخۇاجياڭ ›› ماركىلىق كىچىك تىپتىكى بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن . نۆۋەتتە ، ۋەقەنىڭ كونكرېت سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

  9-ئۆكتەبىر، خوتەن ۋىلايىتىدىمۇ قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئالتە ئادەم قازا قىلىپ ، ئىككى ئادەم ئېغىر يارىلانغان ، 16 ئادەم يېنىك يارىلانغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر