باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لوندون ساقچى تەرەپ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىشقا چېتىشلىق تۆت ئەرنى قولغا ئالدى

2013.10.16 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 14-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: ئەنگلىيە لوندون ساقچى تەرەپ يېقىندا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىشقا چېتىشلىق تۆت ئەرنى قولغا ئالغان، ھەمدە ئۇلارنى سوراق قىلغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ تۆت گۇماندار 13-ئۆكتەبىر كەچتە لوندوندىكى كۆپلىگەن جايلاردا قولغا چۈشكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى گۇماندار 25 ياشغا كىرگەن تۈركىيەلىك ۋە ئالجىرىيەلىكلەرنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئەنگلىيەلىك ئىكەن، قالغان ئىككىسى ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان 28 ياشقا كىرگەن ئەر ۋە پاسكىتانلىقلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان 29 ياشقا كىرگەن ئەر ئىكەن.

  ئەنگلىيە رادىيو شېرىكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: قولغا ئېلىش قارارىنى 13-ئۆكتەبىر ھەربىي ئاخبارات 5-باشقارمىسى بىلەن لوندون ساقچى ئىدارىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قوماندانلىق شىتابى كېڭەشكەندىن كېيىن چىقارغان. ساقچى تەرەپ بۇندىن ئىلگىرى ئۇلارنى بىر مەزگىل كۆزەتكەن، خەۋەردە ساقچى تەرەپنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۇرۇلۇپ، بۇ گۇمانلىق كىشىلەر پىلانلىغان ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر دېيىلگەن، بىراق كونكىرېت مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر