- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىراق ئۇرۇشدا 460 مىڭ كىشى قازا قىلغان
2013.10.17 11:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىغا ئون يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق بۈگۈنكىچە پارتلاش ئاۋازلىرى توختىمىدى، ئۇرۇش قالدۇرۇپ كەتكەن جاراھەتلەر ھازىرغىچە ساقايمىدى. ئامېرىكا، كانادا ۋە ئىراق تەتقىقاتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن خەلقئارا تەتقىقات گۇرۇپپىسى 15-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: 2003-يىلدىن 2011-يىلغىچە ئىراق ئۇرۇشىدا 461 مىڭ كىشى قازا قىلدى.
تەتقىقاتچىلار ئارقىدىن ئىراقتىكى 100 رايونىدىكى 2 مىڭ ئائىلىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇرۇشتا قازا قىلغانلار ياكى زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ نىسبىتى %60 بولغانلىقىنى، قالغان قازا قىلغان %40 كىشىنىڭ سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ، يېمەكلىك ۋە پاكىز ئىچىملىك سۇ يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق ۋاسىتىلىك ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر