باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۆيگە يەر ئىشلىتىش تەمىناتى ئاشتى

2013.10.17 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆيگە ئىشلىتىدىغان يەر تەمىناتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆيگە ئىشلەتكەن يەر تەمىناتى زور كۆلەمدە ئاشتى، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق 1-سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئۆيگە ئىشلەتكەن يەر تەمىناتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆيگە ئىشلەتكەن يەر تەمىناتى 91 مىڭ 700 گېكتار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.4 ئېشىپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى 62 مىڭ 900 گېكتارلىق ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە قىممەتتىن ئېشىپ كەتكەن. ئۆيگە يەر ئىشلىتىشتە، تاۋار ئۆيگە ئىشلەتكەن يەر تەمىناتى 71 مىڭ 300 گېكتار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.3 ئېشىپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە قىممەتتىن يۇقىرى بولغان. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق 1-سەپتىكى تۆت شەھەرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۆيگە ئىشلەتكەن يەر تەمىناتى ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەگە يېقىنلاشقان ياكى ئېشىپ كەتكەن، 4-پەسىلدە يەر تەمىناتى داۋاملىق ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر