باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

2013.10.17 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ بارلىق ئەزالىرى تۈنۈگۈن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى، خې يىچېڭ كۆپ ئاۋاز بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايون 5-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  شۇ كۈنى چۈشتە ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ باش ئورگىنىدا، باش مەمۇر سۈي شىئەننىڭ نازارىتى ئاستىدا، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون 5-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ 33 ئەزاسى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقە ئىشخانىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاۋمېندىكى ئالاھىدە خادىم مەھكىمىسى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئاۋمېندىكى قىسمى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون 5-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا، خې يىچېڭ كۆپ ئاۋاز بىلەن قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئارقىدىن، خې يىچېڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ خۇخۇا، باش مەمۇر سۈي شىئەننىڭ نازارىتى ئاستىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. خې يىچېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 5-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشى قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنى سايلاپ چىقىلدى، لىن شياڭشېڭ كۆپ ئاۋاز بىلەن مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر