باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى ئاممىۋى پاراۋانلىق مۇلازىمەت تەرەققىياتىغا 2 مىليارد 220 مىليون يۈەن ئاجراتتى

2013.10.17 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا مەركەز مالىيەسى مۇلازىمەت، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس مەبلىغىنى قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن شۇنداقلا يېقىندا يەرلىكنىڭ ساغلاملىق مۇلازىمىتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، خەلق تۇرمۇشى سودا مۇلازىمىتى، بازارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش، بازارنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق مۇلازىمەت تەرەققىياتىغا بىرتۇتاش ئىشلىتىشى ئۈچۈن 2 مىليارد 220 مىليون يۈەن ئاجراتقان.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېيىنكى قەدەمدە ساغلاملىق مۇلازىمىتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلار چۆرىدىلىپ مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەت ياخشى ئىشلىنىدۇ: بىرىنچى، مەبلەغ سېلىش كۈچەيتىلىپ، يېزىلارنىڭ ساغلاملىق مۇلازىمىتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق قوللاپ بېرىلىدۇ شۇنداقلا يەرلىكنىڭ تۈر پىلانلاشنى سەھنە قىلىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغى ، مەركەز ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش مەبلىغى قاتارلىق ئالاقىدار مەبلەغلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق كۈچى شەكىللەندۈرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ئىككىنچى، تەرەققىيات قېلىپىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قىسمەن ئۆلكىلەرنى تاللاپ ياكى شەھەر ناھىيەلەرنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، داۋالاش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئائىلە خىزمەتچىلىكى، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساياھەت قاتارلىق تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرىدۇ ۋە ئۆزئارا تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئۈچىنچى، قوللاش ئۇسۇلىدا يېڭلىق يارىتىدۇ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ساغلاملىق، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قۇللاش بىلەن بىرگە يەرلىكنىڭ تولۇقلىما مەبلىغى، قەرز پۇل ئۆسۈمى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ساغلاملىق قاتارلىق مۇلازىمەتكە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر