باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئۇراننى دۆلەت سىرتىغا يۈتكىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2013.10.17 11:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت 15-، 16-ئۆكتەبىر جەنۋەدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، يادرو سۆھبەت ۋەكىلى يېقىندا، بۇ نۆۋەتلىك يادرو سۆھبىتىدە، ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ قېتىم سانى ۋە مىقدارى توغرىسىدا سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى، بىراق، ھازىر بار بولغان ئۇراننى دۆلەت سىرتىغا يۆتكىمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىراننىڭ يادرو پىلانىدىن گۇمانلىنىۋاتقان كىشىلەر ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي توختىتىشنى، ھەمدە ساپلىق دەرىجىسى%20 بولغان ئورۇن زاپىسىنىڭ ھەممىسىنى چەتئەللەرگە يۆتكەپ باشقۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى، بىراق ئىران بۇنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ يادرو ئېنىرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن ھەرگىز گۇمانلىنىشقا ۋە ئۇنىڭغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشگە بولمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر