- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۇنجى ئۆلكە ھالقىغان يەر ئاستى پويىزى ياسالدى
2013.10.17 11:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شاڭخەينىڭ رېلىسلىق پويىز قاتنىشىنىڭ 11-لىنىيىسىنىڭ شىمالى بۆلىكىنى ئۇزارتىش قۇرۇلۇشىدا 16-ئۆكتەبىر سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاندى. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۈنشەن شەھىرىدىن يەر ئاستى پويىزىغا ئولتۇرۇپ شاڭخەي شەھىرىگە بېرىش رېئالىققا ئايلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئۆلكە ھالقىغان شەھەر يەر ئاستى پويىز لىنىيىسىكەن.
يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان شاڭخەي رېلىسلىق پويىز قاتنىشىنىڭ 11-لىنىيىسىنىڭ شىمالى بۆلىكىنى ئۇزارتىش قۇرۇلۇشىنىڭ خۇاچياۋ بۆلىكى لىنىيىسىگە 1 مىليارد 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 6 كىلومېتىر كېلىدۇ. مۇتەخەسسلەر مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: بۇندىن كېيىن شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان رېلىسلىق قاتناش لىنىيىسىنى تۇتاشتۇرۇش تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولىدۇ. نۆۋەتتە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرى بىلەن ۋۇشى شەھىرى شەھەر رېلىسلىق قاتناش لىنىيىسىنى بىۋاستە شاڭخەينىڭ يەر ئاستى پويىزى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، نەنجىڭدىن جۈروڭ، يى جېڭ، ئەنخۈينىڭ تيەنچاڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە بارىدىغان شەھەرلەر ئارا رېلىسلىق پويىز لىنىيىسىنى ياساشمۇ تەستىقلاندى، 2015-يىلىدىن 2020-يىلغىچە كەينى كەينىدىن قۇرۇلۇش باشلىنىشى مۈمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر