باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاممىۋى لۇشيەن: سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم ئىلغار تىپلارنى ئۆزىنى كۆرۈدىغان ئەينەك قىلدى

2013.10.16 13:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم تەربىيىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم ئىلغار تىپلارنى ئۆزىنى كۆرۈدىغان ئەينەك قىلىپ، تەنقىد ئۆز ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىش باسقۇچىدا ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: سىچۈەندىن چىققان ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ياخشى كادىر لەن خۈي، زاڭزۇ كادىر جۈممېيدوجى قاتارلىق مەملىكەتلىك مۇھىم تىپلارنى تەلىم تەربىيىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى ئەينەك قىلىپ، بۇ تىپلارغا سېلىشتۇرۇپ ئۆزىدىكى پەرقنى تېپىپ چىقىش لازىم.

  سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى قايسى تۈردىكى ئۆلچەم ئەمەلىيلەشمىسە يىغىن ئېچىشقا ئالدىرىماسلىقتىن ئىبارەت تۆتكە قاراش ئۆلچىمىنى تۈزدى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوچۇق سۆز قىلىش ھەمدە كۆڭلىدىكىنى سۆزلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى پىكىرنى تولۇق ئاڭلاش، كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى قىلىش ئاساسىدا، ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى قايتا قايتا تۈزەتتى؛ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بارغانسېرى كونكرېتلاشتى. ئىدىيىسىنى تەھلىل قىلىش بارغانسېرى ئېنىق بولدى. ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بىۋاسىتە تۇتتى. لاياقەتسىز بولغانلىرىنى قايتا قايتا تۈزەتتى. ۋىلايەت، شەھەر، ئوبلاستتىكى 31 ئورۇن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالى چوڭقۇر، ئېنىق بولماسلىق سەۋەبىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىندى.

  سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى221 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ياكى تەڭشىدى، ئىش بېجىرىش ۋاقىت چېكىنى %20 تېزلەتتى.

  تەلىم تەربىيىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ يىغىنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 كېمەيدى، ئۆلكە دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ئۈچ ھۆكۈمەت خىراجىتى%11 ئازايدى، ئىنتىزامغا خىلاپ شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ، ئىسراپچىلىق مەسىلىسىدىكى تىپىك دېلودىن 26 سىگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر