باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قىزىل كرىست خەلقئارا كومىتېتى سۈرىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى

2013.10.16 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىزىل كرىست خەلقئارا كومىتېتى 14-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: سۈرىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۈچ خىزمەتچىسى ۋە سۈرىيە ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ بىر پىدائىيسى قويۇپ بېرىلدى.

  قىزىل كرىست خەلقئارا كومىتېتى ئوتتۇرا شەرق ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ تەشكىلاتىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئالتە خىزمەتچىسى ئىچىدە ئۈچى قۇتۇلدۇرۇلدى. قىزىل كرىست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى مۇنداق دېدى: بۇ ئورگاننىڭ يەنە ئۇندىن باشقا سۈرىيە ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ ئۈچ خىزمەتچىسىمۇ بىخەتەر قايتىپ كەلدى.

  قىزىل كرىست خەلقئارا كومىتېتى 13-ئۆكتەبىر جەنۋەدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالتە خىزمەتچىسى بىلەن سۈرىيە ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ بىر پىدائىيچىسىنىڭ شۇ كۈنى چۇشتىن بۇرۇن سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ئىدرىب ئۆلكىسىنىڭ ساراكىت رايونىدا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر