- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىران مەسىلىسى بويىچە 1-نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ 1- كۈندىكى سۆھبىتى ئاياقلاشتى
2013.10.16 14:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتتە تۆنۈگۈن 1-كۈندىكى سۆھبەت ئاياغلاشتى، سۆھبەت 16- ئۆكتەبىر داۋاملىق ئۆتكۈزىلىدۇ.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتوننىڭ باياناتچىسى: ئاشتون يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتكە ئىھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتىدۇ، ئىران ئوتتۇرىغا قويغان كونكىرت ئىجادىي تەكلىپلەرنىڭ سۆھبەت مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ،دېدى. ئۇ يەنە ئىران يېقىندا بىر قىسىم ئىجابىي سېگنال چىقاردى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ ماھىيەتلىك ئىلگىرلەشكە ئىگە بولۇش بولماسلىقى ئىران ئوتتۇرىغا قويغان مەزمۇننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدىگە ئىنكاس قايتۇرالايدىغان قايتۇرالمايدىغانلىقىغا باغلىق، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر