باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئارزۇسى ئىدىيىسى كۈندىن كۈنگە ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئورنىماقتا(1)

2013.10.14 17:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى بىر مەزگىلدە، جۇڭگو ئارزۇسى ئىدىيىسى جۇڭگودا كىشىلەر قەلبىگە سىڭىپ كىرىش بىلەن بىرگە، كۈندىن كۈنگە چەتئەلدىكى ھەر قايسى دۆلەت ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشتى؛ چەتئەل تاراتقۇلار جۇڭگو ئارزۇسىغا ئائىت ماقالە ياكى خەۋەرلەرنى بەس بەستە ئېلان قىلدى؛ جۇڭگونىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرىمۇ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ يەرلىك ئاممىغا جۇڭگو ئارزۇسى ئىدىيىسىنى تونۇشتۇردى. چەتئەللىك نۇرغۇن ئامما: جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسى شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل ئارزۇسى بىلەن زىچ باغلانغان دەپ ھېسابلىدى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى شەرقىي ئاسىيا ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ۋىتالى ۋۇروبىيوف مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭگونىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش بۈيۈك پىلانى ئۈچۈن تېپىپ چىققان روشەن ۋە يارقىن سىموۋۇل يۆلەنچۈكى. جۇڭگو ئارزۇسىدا ئالدى بىلەن ئورتاق بەخت –سائادەت ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، بۇنىڭدا تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، باي باياشات، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش نىشانى ئوتتۇرغا قويۇلدى.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىرگىي لۇجانىن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئارزۇسىدا تۈلۈك مەزمۇن ۋە قىممەت قارىشى ساقلانغان.

  گېرمانىيەلىك خەنزۇشۇناس، مىللەتشۇناس، دوكتور سوئۇت كائۇسال مۇنداق دېدى: جۇڭگو رەھبەرلىرى بولسۇن ياكى خەلق بولسۇن، ھەممىسى جۇڭگو ئارزۇسىغا ئۈمىد بىلەن قارايدۇ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى. ئېرىشىلگەن دەسلەپكى نەتىجە دۇنيا مىقياسىدا ئويلىنىشنى پەيدا قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارزۇسى دۇنياغا تەۋە، شۇنداقلا مىڭلىغان ئون مىڭلىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ شەخسى ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭگو پەقەت ئۆز يولىدىلا ماڭىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يولىنى دورىغان ياكى چەتئەللەرنىڭ تەكلىپلىرىگە ئىتائەت قىلىپ ئولتۇرغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ.

  گېرمانىيە تىلىر ئۇنىۋېرسىتېتى خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى سۇفىي شىياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارزۇسى يېڭى تېما، بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز بۇنىڭغا بەك قىزىقىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسىدا جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئوتتۇرغا قويۇلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر