- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەركىزىي بانكا ئاھالىنىڭ تۇنجى تۇرالغۇ ئۆيىگە قەرز بېرىشنى داۋاملىق قوللايدۇ
2013.10.17 15:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: نۆۋەتتىكى كۆپ سودا بانكىسىنىڭ تۇرالغۇ ئۆيگە قەرز بېرىشنى ئازايتقان، بىر قىسىم ئامما ئۆي-مۈلۈك كىرېدىت سىياسىتىنىڭ تەڭشىلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىگە قارىتا، مەركىزىي بانكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى بۈگۈن جاۋاب قايتۇردى: سىياسەت يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، ئاھالىنىڭ ئۆزى ئولتۇرىدىغان تۇنجى تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىشتىكى قەرز ئېھتىياجىنى قوللايمىز.
بۇ باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزىي بانكا پەرقلىق تۇرالغۇ كىرېدىت سىياسىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاھالىنىڭ ئۆزى ئولتۇرىدىغان تۇنجى تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىشتىكى مۇۋاپىق كىرېدىت ئېھتىياجىنى پائال قاندۇرىدۇ، بۇ سىياسەت ئۆزگەرگىنى يوق. ھەرقايسى سودا بانكىلىرى ئېنىق بولغان شەخسىي ئۆي-مۈلۈك بويىچە رەنىلىك قەرز بېرىشنى توختىتىش سىياسىتى چىقارغىنى يوق، ئالدىنقى 3 پەسىلدە قىسمەن بانكىلارنىڭ شەخسىي تۇرالغۇ ئۆيگە بەرگەن قەرز بىرقەدەر تېز ئېشىپ كەتكەچكە، 9-ئايدىن بۇيان، بەزى ئوتتۇر، كىچىك بانكىلار قەرز بېرىش قۇرۇلمىسىنى ئاز-تولا تەڭشىگەن.(مۇخبىر تيەن جۈنرۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر