ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پاتىمە ئىسمائىل خەۋىرى، فوتوسى: كېرىيە ناھىيەلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن يەككە سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار 29-ئۆكتەبىر ناھىيەلىك ياشانغانلار ساناتۇرىيەسىگە بېرىپ ئىگە چاقىسىز ۋە مېيىپ 26نەپەر ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلدى. پائالىيەت داۋامىدا پىدائىيلار ياشانغانلارنىڭ تازىلىقىنى قىلىپ بەردى. چاچ-ساقىلىنى چۈشۈردى. كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بەردى. سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى سۆزلەپ بەردى ۋە 400يۈەن قىممىتىدە دورا تارقىتىپ بەردى.