باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 21-ئەسىر كېڭىشى بېيجىڭ يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2013.11.04 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-نويابىر خەلق سارىيىدا 21-ئەسىر كېڭىشى بېيجىڭ يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە تاشقى سىياسىتىنى شەرھلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ «جۇڭگونى چۈشىنىش» دېگەن باش تېمىسى-جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. جۇڭگو خەلقى يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارزۇسى زىچ باغلىنىشلىق شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان گۈزەل ئارزۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ يول-جۇڭگو خەلقى ئۇزۇن مۇددەت جاپالىق ئىزدىنىشتىن كېيىن تاپقان توغرا يولدۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو قانچە تەرەققىي قىلغانسېرى، ئىشىكنى شۇنچە ئېچىۋېتىدۇ، جۇڭگو ئاچقان ئىشىكنىڭ تاقىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، پەقەت ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەرگىز تۈگەپ قالمايدۇ. يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بىز جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، دۆلەت قۇدرەت تاپسىلا، زومىگەرلىك قىلىدىغان يولدا قەتئىي ماڭمايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، خەلقئارا ئىشلار ۋە خەلقئارا سىستېما ئىسلاھاتىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. جۇڭگو-دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجابىي كۈچ. بىز داۋاملىق كەمتەر پوزىتسىيە بىلەن، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار قاراشلىرى ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىناق بىللە ياشايدىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر