باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ «28-ئۆكتەبىر» ۋەقەسىگە بولغان گۇمانىغا قارىتا كەسكىن جاۋاب قايتۇردى

2013.11.01 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سوئال: خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ «28-ئۆكتەبىر» ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا بولغان گۇمانىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر دېلونى ئايرىم تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىپتۇ ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى تەنقىدلەپتۇ. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  جاۋاب: بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى «28-ئۆكتەبىر» ۋەقەسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ساقچى دائىرىلىرى «28-ئۆكتەبىر» ۋەقەسىنىڭ پۇختا پىلانلانغان، تەشكىللىك ۋە مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسى ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇئەييەنلەشتۈردى. بىگۇناھ پۇقرالار ۋە ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان بۇنداق زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە قارشى قىلمىشتۇر، ھەرقانداق ۋىجدان ئىگىسى بۇ خىل قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

  جۇڭگو قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت. جۇڭگو ھۆكۈمىتى مەملىكىتىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. زوراۋان-تېررورچىلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش ‐‐ قانۇننىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداشنىڭ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشنىڭ ۋە ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ زۆرۈرىيىتى. قانۇن ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى زوراۋانلىق-تېررورلۇق قىلمىشىغا كەڭچىلىك قىلمايدۇ.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا ئىزچىل قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە قاتتىق زەربە بېرىپ كەلدى. بىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشقا ۋە تېررورلۇقنى مەلۇم مىللەت ياكى دىنغا باغلىۋېلىشقا قارشى تۇرىمىز. ئايرىم كىشىلەر بىر ئۇچۇم چېكىدىن ئاشقان ئۇنسۇرلارنىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇق قىلمىشىنى مىللەت ۋە دىن مەسىلىسى بىلەن چېتىۋېلىۋاتىدۇ، ھەتتا شۇنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، بۇ ناھايىتى خاتا ۋە غەرەزلىك ئىش.

  شۇنى ئەسكەرتمەكچىمەنكى، «شەرقىي تۈركسىتان» تېررورلۇق كۈچلىرى جۇڭگونى پارچىلاپ، شىنجاڭدا ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» قۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۇزۇندىن بۇيان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى، ھەتتا خەلقئارادىكى تېررورلۇق كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭگودا زوراۋانلىق-تېرورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. بىز خەلقئارا جەمئىيەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپنىڭ بۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىنى، تاراتقۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى خەۋەرقىلغاندا ياكى ئۇنىڭغا باھا بەرگەندە ئوبيېكتىپ، سوغۇققان بولۇشىنى، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ۋە ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىق چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر