باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ماس كېلىدىغان شەھەر بەرپا قىلىش كېرەك

2013.11.01 16:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن يىجۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

  فېڭ جىن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 31 – ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش باش شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو بىناكارلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يى جۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش باش شىركىتى دۇنيا ئىقتىسادى سىجىل چېكىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، خىزمەتنى قەدىرلەش، بازار ئېڭىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا تايىنىپ، بىر نەچچە يىلدىلا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرىپ، تىجارەت سوممىسىنى 1 تىرىلىيون يۈەندىن ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە نەتىجىلەرنى ياراتتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش باش شىركىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاش، ‹‹ماس قەدەمدە بەشلەشتۈرۈش››نى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش باش شىركىتى يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ماس كېلىش، ھاۋاسى ساپ، مۇھىتى گۈزەل بولۇش قاتارلىق ئىدىيە ۋە ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئېچىشنى، ئادەمنى ئاساس قىلىپ شەھەر بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى شەھەرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ئۈرۈمچى قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەرنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى سودا مەركىزى، مۇلازىمەت مەركىزى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى ۋە ھەمكارلىق مۇنبىرى مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  يى جۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش باش شىركىتى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ مەدەنىيەت، يېشىللىق، مۇھىت ئاسراش تەركىبىنى ئاشۇرۇپ، ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشلارنى كۆپلەپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر