باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاممىۋى لۇشيەن: ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك–دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى جەمئىيەتكە ئاشكارا ۋەدە بەردى

2013.11.01 16:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئورگان ئىستىلىنى ياخشىلاپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بىخەتەر يېمەكلىك ۋە دورا ئىستېمال مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى جەمئىيەتكە تۆۋەندىكىدەك ۋەدە بەردى:

  بىرىنچى، يىل ئاخىرىغىچە، قانۇنسىز دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە دورا تىجارىتىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش؛ دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە دورا تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ‹‹ئىككىگە زەربە بېرىش، ئىككى قۇرۇلۇش›› مەخسۇس پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دورا ئىستېمال بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. ئىككىنچى، يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرىمىز. يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ‹‹مەينەت، قالايمىقان، ناچار›› بولۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتىدە ئۈلگىلىك ئورۇنلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ‹‹تىجارەت كىنىشكىسى بولۇش، مەشغۇلات قېلىپلاشقان بولۇش، ئىسپاتنامە ۋە تالون تەلەپ قىلىش، بەلگىلەنگەن نۇقتىدىن مال سېتىۋېلىش، ئاشخانا رەتلىك، پاكىز بولۇش، دېزىنفېكسىيەلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ دەرىجىگە ئايرىش، چىراي بەلگىسىنى تامغا چاپلاش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى بويىچە ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاممىنىڭ يېمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۈچىنچى، مەخسۇس تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. تۆتىنچى، مەمۇرىي ئىجازەت ۋە تەستىقلاش مۆھلىتىنى قىسقارتىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. 12 تۈرلۈك ئىجازەت ۋە بىر تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرىنى بېجىرىش مۆھلىتىنى قىسقارتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر