باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى

‐‐‐ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

2013.11.01 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كارخانا، دېھقانلار، شەھەر ئاھالىلىرىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھاراق توپ تارقىتىش ئىجازەتنامىسىنىڭ تەننەرخ ھەققى، زىرائەت ئۇرۇقى تەكشۈرۈش ھەققى، ئىجتىمائىي كاپالەت IC كارتىسىنىڭ تەننەرخ ھەققى قاتارلىق ھەق تۈرلىرى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. بۇ يىل مەملىكىتىمىز بويىچە 347 مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي، كەسپىي ھەق بىكار قىلىندى ياكى كەچۈرۈم قىلىندى.پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم مەمۇرىي، كەسپىي ھەق كېمەيتىلدى ۋە كەچۈرۈم قىلىندى، مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى بىكار قىلىندى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن مۈلۈكنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ئايرىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، چوڭ ئورۇنلارنىڭ تۈزۈم ئىسلاھاتى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى، مەمۇرىيەت تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكى ۋە ئىجرا ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى... ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسى ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش، ئەلا جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشقا قاراپ ئۆزگىرىپ، ئېلىمىزنىڭ مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. (ۋاڭ بىشۆ، شۈ جۈن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر