31-ئۆكتەبىر كېرىيە ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ مەسئۇلى ئارزىگۈل ئەيسا بۆۋىرابىخان تۇرسۇن غا قوغداش تۇلۇقلىمىسى 4800يۈەننى بەرمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى ، فوتوسى: كېرىيە ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى پەرىجە ۋە كىچىك تەلپەك ئاپتونوم رايۇننىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، بۇ ھۈنەرنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ساقلاپ قالغان ۋە راۋاجلاندۇرغان ھەم بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتۇرغان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ جاي يېزىسىدىكى بۇيىل 70ياشتىن ئاشقان بۆۋىرابىخان تۇرسۇن، ئابدۇللا قارىم قاتارلىق 2نەپەر ئۇستام كېرىيە ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى پەرىجە ۋە كىچىك تەلپەك ھۆنىرىنىڭ تىپىك ۋارىسى قىلىپ بىكىتىلدى. ھەمدە ئاپتونم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ھەر يىلى تارقاتقان 4800يۈەندىن قوغداش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى. ئۇلار مەدەنىيەت تارماقلىرىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ ھەر يىلى 30نەپەردىن ئارتۇق شاگىرت تەربىيەلەپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.