باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن يەرشارى بويىچە تەسىر كۈچى ئەڭ زور شەخس بولۇپ باھالاندى

ئوباما 2-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى

2013.10.31 20:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 30-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە زوڭتوڭى پۇتىن ‹فۇبۇس› ژورنىلى تەرىپىدىن دۇنيادا تەسىر كۈچى ئەڭ زور شەخس بولۇپ باھالاندى، ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوباما ئەسلىدىكى 1-ئورۇندىن چۈشۈپ، «ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس» بولۇپ قالدى.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، جەمئىي 72 نەپەر شەخس دۇنيادا تەسىرى ئەڭ زور سىياسەتچى، ئىقتىسادشۇناس ۋە جەمئىيەت ئەرباپلىرى قاتارىغا كىرگەن.

  بۇ ژورنالنىڭ كۆرسىتىشىچە، «زوڭتوڭ پۇتىندىن قالسا، بۇ قاتارغا يەنە رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ لېدىرى شيېچىن (60-ئورۇندا)، رۇسىيە زوڭلىسى مېدۋىدىۋ (53-ئورۇندا) ۋە باي سودىگەر ئوسمانوۋ (63-ئورۇندا) كىرىدىكەن».

  2012-يىلى رۇسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن 3-ئورۇندا تۇرغان، 2011-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى رۇسىيە زوڭلىسى پۇتىن 2-ئورۇندا تۇرغان.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر