باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى

2013.11.01 16:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن ھەپتە، شىنجاڭ ‹‹جۇڭتەي›› (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى بىلەن نىڭشيا ‹‹جىنخەي›› پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىمىيە سانائىتى پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى تۆۋەن سىمابلىق كاتالىزاتورنى سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، سىماب ئاز قويۇپ بېرىلىدىغان سانائەتلەشكەن پاكىز ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، دۇنيا ئىقتىسادى چوڭ مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزنىڭ خىلور – ئىشقار ساھەسى ئىزچىل كاسات بولدى، بىراق، ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىش، ئېنېرگىيە تېجەپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى بازارغا قاراپ تەڭشەپ، قۇرۇلمىنىڭ تولۇق يۈكلۈك، بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ساھە بويىچە كەڭ كۆلەمدە زىيان تارتىۋاتقان ئەھۋالدا پايدا ئالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۆنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى 204 مىليارد 386 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %12.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە %2.5 پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 11 – ئورۇندا تۇرغان ھەم مەملىكەت بويىچە رەت تەرتىپىدە 22 يىلدىن بۇيانقى يېڭى سەۋىيە يارىتىلغان.

  بىر قاتار كەسىپ سىياسىتىنىڭ ‹‹بىرىكمە كۈچ››لىك رولىنىڭ تەسىرىدە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا يېنىك سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئېغىر سانائەتنىڭكىدىن، نېفىت سانائىتىدىن باشقا سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى نېفىت سانائىتىنىڭكىدىن، يەرلىك سانائەتنىڭ قوشۇمچە قىممىتى مەركەز سانائىتىنىڭكىدىن، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قوشۇلما قىممىتى چوڭ كارخانىلارنىڭكىدىن، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭكىدىن، رايون سانائىتىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئاپتونوم رايونىمىز سانائىتىنىڭكىدىن تېز بولۇش، ھەم بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلات مىقدارى بىلەن نۇقتىلىق كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋە سانائەتنىڭ پايدىسى سىجىل ئېشىشتەك ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلەندى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇلتۇر نېفىت سانائىتىدىن باشقا سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى تۇنجى قېتىم نېفىت سانائىتىنىڭكىدىن ئاشتى، بۇ يىلمۇ يەنە سىجىل تەرەققىي قىلماقتا. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، نېفىت سانائىتىدىن باشقا سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نېفىت سانائىتىنىڭكىدىن %15.6 پوئېنت تېز بولۇپ، قوشۇلما قىممىتى 112 مىليارد 581 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %19.9 ئاشتى، كۆلەملەشكەن سانائەت %10.3 پوئېنت ئاشتى، تۆھپە نىسبىتى %84.1 بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر