- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئېچىپ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىدىغان «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى مۇزاكىرە قىلدى
2013.10.30 17:21 مەنبە: خەلق تورى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئېچىپ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىدىغان «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى مۇزاكىرە قىلدى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى يىغىن ئېچىپ، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر مۇھىم مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندى، «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى» قاراپ چىقىلدى ھەمدە ئۇنى بېسىپ تارقىتىشقا قوشۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ئورىگىنالىنىڭ پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا مۇئەييەن دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، بۇ قېتىمقى يىغىندىكى مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن، ھۆججەت ئورىگىنالىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى، بۇ قېتىم پىكىر ئېلىشتا پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە كەڭ قۇلاق سېلىندى، ھەرقايسى رايونلار، تارماقلار ، ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە پارتىيە 18-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ھۆججەت ئورىگىنالغا بەرگەن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى، ماددىمۇماددا تەتقىق قىلىپ، ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ھۆججەتنى ياخشى تۈزۈپ چىقىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېتەكچى پرىنسىپلىق ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. (مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر