باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ھەربىي كومىتېت كۆزىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، شۈ چىلياڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى

2013.10.30 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»نى يېقىندا بېسىپ تارقىتىپ، ئارمىيەدە كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، كۆزىتىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش، كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى؛ «مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقىتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى قېلىپلاشتۇردى. بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇرۇش نىشانىغا يېتىشنى نەزەردە تۇتۇش، ئارمىيەدە پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، پارتكوم بەنزىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھەربىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۈ چىلياڭ يېقىندا ھەربىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1-سانلىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ چاقىرىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئارمىيەدە كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، كۆزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر