باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم ئىدىيەۋى ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2013.11.07 17:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-نويابىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 6-چېسلا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، بىز نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، بۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە، ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىشتا، پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىدا، ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق كۈچەيتىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم ئىدىيەۋى ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر