باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-قۇرۇلتايدىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ياخشى باشلىنىشقا ئىگە بولدى

2013.11.11 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيانقى 1 يىل ئىچىدە، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلمىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ لېنىيەنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلەپ ۋە كەلگۈسىنى يارىتىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىي مىلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ياخشى باشلىنىشقا ئىگە قىلدى.

  بىرىنچى، مۇقىم ئاشۇرۇپ، پۈتۈن دۇنياغا تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى يەتكۈزدى.

  بۇ يىل 3-پەسىلدە، جۇڭگو ئىقتىسادىي ئالدىنقى ئىككى پەسىلدە ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەشتەك ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ۋە ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئېشىش سۈرئىتى مۇقىم ئۆرلىدى. 3-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %7.8 ئېشىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى پەسىلدىكىدىن سەل ئاشتى. ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلىشش، مال باھاسى، خەلقئارا كىرىم-چىقىمدىن ئىبارەت 4 كۆرسەتكۈچنىڭ ھەممىسى بىردەك ياخشى بولدى. كارخانىلارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، ئىشەنچى ئاشتى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقتا سېتىۋېلىشنى ئىدارى قىلىش كۆرسەتكۈچى ئۇدا 4 ئاي ئېشىپ، %51.4 گە يېتىپ، 18 ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقۇرى پەللە يارىتىلىپ، بازار كۆزلىمىسى ۋە ئىشەنچى مۇقىم بولۇش سىگنالىنى تارقاتتى.

  ئىككىنچى، قورۇلما تەڭشىلىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سىجىل تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىلدى.

  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشى بىلەن غەلبىگە باھا بېرىلمەيدىغان بولدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بەس-بەستە تەدبىر قوللاندى. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق جايلار مەركەزلىك ھالدا، ئاتموسفىرانى تۈزەپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئىي شاللىۋەتتى. سەنشى ئۆلكىسى كوكۇس كۆمۈرى ئىشلەپچىقرىش ئىقتىدارىنى 18 مىليون توننا ئازايتماقچى ۋە شاللىۋەتمەكچى بولدى. ئىچكى موڭغۇل 4 مىليون 590 مىڭ توننا قالاق سىمونت ئىشلەپچىقرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋەتمەكچى بولدى. شەندۇڭ ئۆلكىسى پولات تاۋلاشتا 22 مىليون 570 مىڭ توندا قالاق ئىشلەپچىقرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋەتمەكچى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاز بولمىغان جايلار يۇقۇرى يېڭى تېخنىكا سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە قىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا بېيجىڭدىكى جۇڭ گۇەنسۇن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %25 ئاشتى، ۋۇ خەن «نۇر جىلغىسى جانلىقلار شەھەرچىسى»نىڭ ئومۇمىي كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىن %53 ئاشتى.

  ئىستىمال سەھەسىدە ئالدىنقى 3 پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.9 ئېشىپ، ئاممىۋىي ئىستىمال بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندى. ئۇچۇر مۇلازىمىتى، ساياھات دەم ئېلىش، توردا مال سېتىۋېلىش قاتارلىق سەھەلەر قىزىپ كەتتى.

  مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە بولسا، ئەل ئارىسىدىكى مۇقىم مۈلۈكنىڭ ھاياتى كۈچى نامايان قىلىندى. ئەل ئارىسىدا 3-كەسىپكە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2-كەسىپنىڭكىدىن تېز بولدى. ئېكىسپورت ساھەسىدە، پىشىقلاپ ئىشلەش سودىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئالامەتلىرى كۈنسېرى روشەنلەشتى. دەسلەپكى مەھسۇلاتنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ئورنىنى ئالىدىغان مەسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش ئىقتىدارى ئاشتى.

  ئۈچىنچى، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇنۇپ، تۈزۈلمە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

  بۇ بىر يىلدىكى ئىسلاھات مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ فونكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ چىگرىسىنى ئايرىش قەدىمى تېزلىتىلدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىدىن باشقا، گوۋۇيەننىڭ تەشكىلىي تارماقلىرى ئەسلىدىكى 27 دىن 25 كە قىسقارتىلدى. 334 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى.

  بازار جەھەتتە، ئايلىق سودىسى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشمايدىغان كىچىك، مىكرو كارخانىلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە تىجارەت بېجى ئېلىش ۋاقتىنچە كەچۈرۈم قىلىندى. 6 مىليون كىچىك ۋە مىكرو كارخانا بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى. يىلدا 30 مىليارد يۈەن يۈكى يېنىكلىتىلدى. كارخانىلارنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى يىللىق دوكلات قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىپ، تىجارەت مەيدان ئورۇنلىرىنىڭ تىزىمغا ئېلىش شەرتلىرى بوشىتىلدى. شەخىسلەرنىڭ ئۆي قەرز پۇلىدىن باشقا بانكىدىن ئالدىن قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى باشقۇرۇش قويۇۋېتىلدى، ئەل ئارىسىدىكى مەبلەغنىڭ پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ قايتا تەشكىللىنىش ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇشىغا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىپ، ئەل ئارىسىدىكى مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان، خەتىرىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان پۇخراۋىي بانكا تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى.

  ئىسلاھات- ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ۋە ئەل ئارىسىدا مەبلەغ سېلىش قىزغىن دولقۇنى قوزغىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە پۇخراۋىي يەككە تىجارەت كارخانىلىرى %37 كۆپىيىپ، ئەل ئارىسىدىكى مەبلەغنىڭ تەخمىنەن %23 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر