باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بويىچە 2013 – يىلى يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىش ئورنىغا چىقتى

2013.11.11 16:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى (قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يېزىلاردىكى ‹‹قوش تىل››لىق يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى. يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان 11 مىڭ 567 ئوقۇتقۇچى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 13 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، 87 ناھىيە (شەھەر، رايون)گە بېرىپ ئىش ئورنىغا چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا، كەنت ئوقۇتۇش سېپىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، يېزىلاردىكى ‹‹قوش تىل››لىق يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش خىزمىتى 2013 – يىل 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى باشلىنىپ، 9 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئاياغلاشتى، بۇنىڭدا توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلدى، تىزىمغا ئالدۇرغانلار 140 مىڭ كىشى بولۇپ، بۇ، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ساننىڭ 11 ھەسسىسىگە تەڭ. يازما ئىمتىھاندا ‹‹نېمىنى ئۆگەتمەكچى بولسا، شۇنىڭدىن ئىمتىھان بېرىش›› پىرىنسىپى قوللىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 23 پەننىڭ ئىمتىھان سوئالىنى بىر تۇتاش چىقاردى. 53 مىڭ 103 كىشى سالاھىيەت تەكشۈرۈشكە قاتنىشىپ، 50 مىڭ 515 كىشى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ يازما ئىمتىھانغا قاتناشتى، 18 مىڭ 394 كىشى يۈز تۇرا ئىمتىھانغا قاتناشتى، ئەڭ ئاخىرىدا 11 مىڭ 567 كىشى ھەر قايسى ھالقىلاردىكى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ رەسمىي قوبۇل قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى 9234 كىشى، يېزىلاردىكى ‹‹قوش تىل››لىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسى 2324 كىشى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىل يەنە ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر