باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يەنە 33 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇردى

2013.11.11 16:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جوڭ شيۇلىڭ خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 1 – نويابىت يەنە 17 تارماقتىن ئېلىنىدىغان 33 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

  بۇ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مالىيە نازارىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىللە 1 – ئۆكتەبىر 44 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئالتە تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي ھەقنىڭ ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتكەندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىم مەمۇرىي، كەسپىي ھەق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى.

  ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تۈرلەر: تاشقى ئىشلار رەسمىيەت ھەققى، ئادۋوكاتلىقنى رويخەتكە تىزىملاش – باشقۇرۇش ھەققى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيەلىنىش كىنىشكىسى ھەققى، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش تولۇقلىمىسى قاتارلىق 33 چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار قاتناش، سۇ ئىنشائاتى، ئەدلىيە، سۈپەت تەكشۈرۈش، دۆلەت زېمىنى، چارۋىچىلىق قاتارلىق 17 مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا چېتىلىدۇ.

  مۆلچەرلىنىشىچە، كارخانا ۋە جەمئىيەتنىڭ 620 مىليون يۈەنلىك يۈكى يېنىكلىتىلىپ، ئادۋوكات، ئوقۇتقۇچى، دېھقان – چارۋىچى، شۇنداقلا كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر