باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاممىۋى لۇشيەن: ‹‹تەكشۈرۈش›› تە زادى نېمىنى تەكشۈرۈش كېرەك؟ (1)

ـــ تۈزىتىش – ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قائىدە–تۈزۈم ئورنىتىش تەلىپىنى باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇتۇش توغرىسىدا (1)

2013.11.11 16:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈزىتىش – ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قائىدە – تۈزۈم ئورنىتىش تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشتە، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى باشتىن – ئاخىر ياخشى قانات يايدۇرۇشتا، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشتە ئىنتايىن مۇھىمدۇر. مەركىزىي كومىتېت مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئاچقاندىن كېيىن ۋە 3 – ھالقا باشلىنىشتىن بۇرۇن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، پىكىرلەرنى ئاڭلاش ۋە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، تەنقىد قىلىش ھالقىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئۆگىنىش – تەربىيەلەش پۇختا بولدىمۇ – يوق؟ ئىككىنچىدىن، مەسىلىلەر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇجەسسەملەندىمۇ – يوق؟ ئۈچىنچىدىن، ئۆزىنى – ئۆزى تەھلىل قىلىش چوڭقۇر بولدىمۇ – يوق؟ تۆتىنچىدىن، يۈرەك سۆزى تولۇق ئېيتىلدىمۇ – يوق؟ بەشىنچىدىن، ئەستايىدىل تەنقىد قىلىندىمۇ – يوق؟ ئالتىنچىدىن، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندىمۇ – يوق دېگەندەك كونكرېت تەكشۈرۈش تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەلەپلەردە ‹‹تەكشۈرۈش›› خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىلدى، نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مۇھىم نۇقتا چىڭ تۇتۇلدى.

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 – تۈركۈمدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقان تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لىرى ئۆگىنىش، تەربىيە پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەكلىپ – پىكىرلەرنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى – ئۆزى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ياراتتى.

  بىراق يەنە بىر خىل ئىدىيە پەيدا بولۇشقا باشلىدى. پىكىرمۇ ئېلىندى، مەسىلىلەرمۇ تەكشۈرۈلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىمۇ ئېچىلىپ بولدى، ئۆزگەرتىش تەدبىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ‹‹ئۆتكەل›› دىن ئۆتۈشمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئەمدى ھەممىنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ، بولدى قىلىش كېرەك، دەپ قارىلىۋاتىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئىدىيە ھازىرلا پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، پىكىر ئېلىش ھالقىسىدا، ھەتتا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش باشلانغاندىلا بەزىلەر ‹‹ئىشنى چالا – بۇلا قىلىپلا، ئاز – تولا جۆندەپ، بالدۇرراق تۈگىتىش›› كە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان. بۇ خىل ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە، ئۆگىنىش – تەربىيە خىزمىتى قاراتمىلىقىنى يوقىتىپ، پىكىر ئاڭلاش ھەقىقىي بولمىدى، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئېغىپ، مەسىلىلەرنىڭ تۈپ يىلتىزىنى تاپالماي، يۈزەكى ۋە قولىنىڭ ئۇچىدىلا تەنقىد قىلىپ، ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزگەرتىش تەدبىرىمۇ يۈزەكى ۋە مەنىسىز بولدى. مۇشۇنداق بولغاندا، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەلىپىنى ئىجرا قىلىشتا تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تولۇق بولمايدۇ، ئەمەلىي ئۈنۈمى كىشىلەرنى گۇمانلاندۇرىدۇ.

  ‹‹تەكشۈرۈش›› تېخىمۇ دادىللىق بىلەن ئالغا قاراپ مېڭىش ئۈچۈندۈر. شۇڭا، ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ، ئالدىنقى ئىككى ھالقىدىكى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقىپ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئالتىگە قاراش›› يەنى ئالتىنى تەكشۈرۈش تەلىپى بويىچە، ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، مەسىلىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

  ‹‹تەكشۈرۈش›› تە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ‹‹بىرىنچى قول رەھبەر›› باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ‹‹بىرىنچى قول رەھبەر›› ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەم كەسكىن ئۆلچەم، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ بويىچە ‹‹تەكشۈرۈش›› نىڭ نىشانىنى ئۆزى بېكىتىشى، شۇنداقلا بەنزىنىڭ ‹‹تەكشۈرۈش›› خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىش – ھەرىكەتلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر