باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاممىۋى لۇشيەن: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت ئاممىغا ئۆزگىرىش ۋە ئۈنۈمنى تېز كۆرسىتىش ئۈچۈن، مەسىلىنى يېتەكچى قىلىش، تۈزىتىشتە چىڭ تۇردى (1)

تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى

2013.11.11 16:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى باشلىنىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تۈزىتىشنى باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىنى يېتەكچى قىلىش، ئۆگىنىش – تەربىيە ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەڭ رېئال، ئەڭ تەخىرسىز، ئەڭ بىۋاسىتە مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش ۋە ئۈنۈمنى تېز كۆرسەتمەكچى بولدى. شارائىتى بارلار تېز تۈزەتتى.

  تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى باش بولۇپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش، ئىشخانىلارنى رەتكە سېلىش جەھەتلەردە ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ ئۈلگە تىكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالدىنقى باسقۇچتا نۇقتىلىق تۈزىتىدىغان 13 مەسىلىنى تېپىپ چىقتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇپ، مۆھلەت بەلگىلەپ تۈزەتتى، ئامما ئىنكاس قىلغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك قۇرۇلۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەخسۇس تېما بويىچە تەتقىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، لايىھە ۋە تەدبىر تۈزۈپ، ئەستايىدىل تەشكىللىدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى.

  ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تېز ئىنكاس قايتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن: ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇشتىكى ئىستىھكام، ئاۋانگارت قوشۇن ۋە باشلامچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشايلى دېگەن ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋاقتىدا مەخسۇس بەنزە تەشكىللەپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇش ئېڭى، ئۇقۇمى، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتا قاتارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى، ھازىر بۇ ھەقتە دەسلەپكى پىكىر ھاسىل قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىل بېشىدا ئوتتۇرىغا قويغان خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دائىر 25 تۈرلۈك 100 ئەمەلىي قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان 1 – تۈركۈمدىكى ئورۇنلار ئۆزىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى پائال تۈزىتىپ، تۈزىتىدىغان تۈردىن 6962 نى بېكىتىپ، ھازىرغا قەدەر 2169 تۈرنى ھەل قىلدى.

  مەخسۇس تۈزەپ، مەركەزلىك ئۆزگەرتتى

  تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان كونكرېت مەسىلىلەرنى تۇتقا قىلىپ، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ئون تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دەسلەپكى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر