باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلايلى

2013.11.08 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-نويابىر خاربىندىن بەرگەن خەۋىرى: 5-چېسلا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خېيلۇڭجياڭدا بىر قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر ئالدى.

  يىغىندا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شيەنكۈي، ئۆلكە باشلىقى لۇ خاۋ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى چېن جېڭگاۋ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بايىن چاۋلۇ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى سۇ شۇلىن، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شيې فۇجەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى، كېيىنكى باسقۇچلۇق پىلانلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن بىللە چوڭقۇر مۇنازىرە قىلدى ۋە پىكىرلەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى قىيىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي ھەرىكىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى. ماكرولۇق جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ ئاساسلىقى ھازىرقى ئەھۋالنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىمىزدىن بولدى. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى قويۇۋېتىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەلئارا كاپىتالنىڭ كۈچىنى ۋە كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلىغاندا، بازار كۆزلىمىسىگە ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھازىرنى مەۋقە قىلىپ يىراقنى كۆزلەپ، ئۇل ئەسلىھەگە قارىتىلغان مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەپىلىكلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، مۇلازىمەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى قوللانغاندا، ئىچكى ئېھتىياجنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. مال باھا سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى پائال كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندە، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە بۇ تەدبىرلەر دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم بەردى، لېكىن بۇ يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ۋە كېلەر يىللىق خىزمەتنى ياخشى باشلاش، بۇ تەدبىرلەردىن تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا يەنىلا بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. (چېن ئېرخوۋ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر